ئۇ

تاھىر ھامۇت

ئۇ كېتىپ بارىدۇ. بىردەم توختايدۇ.
خۇددى كۆيىۋاتقان كىچىك بىر تۈپ دەرەخ.

مەن ئالدىراش، كۈچسىز-مادارسىز.
دەرەخ سايىسى مېنىڭ قېرىلىق يەتكەن جايلىرىمغا سىڭىپ كېتىدۇ،
ئاندىن 
گۈل بولۇپ ئېچىلىدۇ.

ھازىر ئاي ئاخىرى. 
قورسىقىم ئاچ. مەن ئالما يىگەچ شېئىر يازىمەن.
مەن سەل-پەل ئۆرلەپ تۇرغان تاۋۇش بەلگىلىرىنى
كۆرۈپ يىتىمەن.
ئۈستۈمدىن قاراڭغۇلۇقنى يېشىپ تاشلاپ
تەمكىن بولىمەن.
لېكىن
خىيالىمدا ئۇ مېنىڭ ئالدىمدىلا كېتىپ بارىدۇ.

                     1993- يىل ماي، بېيجىڭ