قەشقەرگە قايتىش

تاھىر ھامۇت

قەشقەرنىڭ سىرلىق ۋە ناتونۇش تۇرقىغا قاراپ
ئۇلۇغۋار ئاخشاملارنىڭ ۋەھىمىسىدىن تېنىم شۈركىنەر.
توي قىلغان قىزلار، ئۆلۈپ كەتكەن دوستلار، قۇرغاق باھار.
زېمىندىن يوقالغان بىر چىمدىم توپا كۆز دېگەن:
تېلېۋىزور، موخوركا، كىر پايپاق، تەرجىمە ئارگىنالى.
كۆك كۆۋرۈك ۋە كۆكتات بازىرى خىرە ئېسىمدە،
سۆڭەكسىز مەخلۇقتەك ياتتىم سوزۇلۇپ،
قورسىقىم ئاچ، چىرايىم قارا، قەلبىم قۇپقۇرۇق!
لېكىن، يىراق ئۈرۈمچىدە مۇزدەك تاشنى چاينايدۇ بىرسى،
كۆزى، يۈزى نەم؛ ئلدىدا گۇناھ، ئارقىدا خۇدا.
قەنت سالغان ئۇماچتىن سۈزۈك ھور چىقار،
توك سىمىدا ئاستا دەسسەپ قۇشقاچلار يۈرەر،
پاكار ئاسماندا مۇدھىش ئېغىرلىق.
مىسكىن قېرىلار، ئالجىغان ياشلار، ھېرىسمەن بالىلار،
ئۈچ يىلدىلا ھەممىسى قېرىپ سەتلىشىپ كەتتى.
قەشقەر _ قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى دەقىقە،
قۇياش يۈزىگە چاپلانغان قەغەز، مەڭگۈلۈك قارا سىياھ،
كونىرىغان، شەلۋەرىگەن يارا، بىچارە مۇھەببەت.

بىراق، سىز
شامالنى پومىلاپ ئاسمانغا ئېتىپ،
ئاندىن ماڭا قاراپ قويدىڭىز،
خىيالىمىزدا تەڭگىدەك تۆشۈكتىن يامغۇر تامچىلار.

                     1998- يىل مارت، قەشقەر