كونا ئېرا ۋە بۆرە قىز

ئابدۇۋېلى ئەرشىدىن (بوزلان)

قەلبىمنى يوشۇرۇن ھۇۋلاپ باقىسەن،
سۆڭەكلەر ئارىسىدا ھۇۋلىغان ئاۋازىڭنى تىڭشاپ ياتقىلى مىڭ يىل بولدى.
روھىمىز بىر – بىرسىنى نىشانلاپ ئېتىلغان ئوق ئىدى،
كۆمۈلگەن شەھەرلەردەك جەسىتىمىز يېرىم ئېچىلغاندا،
قەلبىمنى يوشۇرۇن ھۇۋلاپ باقىسەن.

قەلبىمنى يوشۇرۇن ھۇۋلاپ باقىسەن،
خارابىلەر ئۆلگەن ئادەمنىڭ يۈتكەن جەسىتىدەك تومۇرلاردا ئاقماقتا.
ساڭا قايتىش تونىللىرىمىز لاي – لاتقىلار بىلەن تولغان ئىدى،
كولدۇرما ئاۋازى شاراپ كاسىسىدىن سۇنۇپ ئۆتكەندە،
قەلبىمنى يوشۇرۇن ھۇۋلاپ باقىسەن.

قەلبىمنى يوشۇرۇن ھۇۋلاپ باقىسەن،
ئايغا ئېگىلىۋاتقان قاراڭغۇ كېچىلەردە ئوغۇزخان ساڭا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كەلدى.
تۇغ بېشىدا ئېللىپىس شەكىللىك باشلىرىمىز جەڭ قىلغان ئىدى،
ھۇشسىز قۇشلاردەك بىر – بىرسىمىزنى كور قىلىۋاتقان دېرىزە گۇگۇملىرىدا،
قەلبىمنى يوشۇرۇن ھۇۋلاپ باقىسەن.

قەلبىمنى يوشۇرۇن ھۇۋلاپ باقىسەن،
جەسەتلەر ئارىسىدا سۇنغان، كېلەڭسىز جەسەتلەرغۇ بۇ ــ بىز!
ئەڭ ئاخىرقى ئايال كېنىزەكلەر، شاھ ۋە ئەر قۇللار بىزنى كۆمۈشىدۇ،
روھىمىز ئەمىن تاپقان ئاشۇ يا ئوقىنىڭ بېشىدا،
قەلبىمنى يوشۇرۇن ھۇۋلاپ باقىسەن.